ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن توغرا ئەقىدىنى ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتابتا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئەقىدىسى قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلغان ھالدا كۈنىمىزدىكى مائارىپ مېتودى بويىچە چۈشىنىشلىك، سىستېمىلىق ۋە ئاممىباب ئوسلۇبتا بايان قىلىنغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مەدرىسە تالىبلىرى ۋە ئىلىم ئىزدىگۈچى ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ.